3/20/2009

نۇرۇز خاتىرىسى

بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 21 - كۆنى يەنى ئۇلۇغ تۈركى مىلەتلىرنىڭ نۇرۇز بايرىمى . تۈنۈگۈن بۇ يەردە ( ئۈرۈمچىدە) خىلى ئۇبدانلا قار ياغدى ، خۇددى نۇرۇزنى ئالدىن تەبرىكلىگەندەك . چۈشتە تاماق يېگىلى مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ، مەكتەپ ئالدىدىكى يۇل بۇينىڭ بەئەينى فوتو گىرافلار تارتىپ چىققان مەنزىرە رەسىمىدەك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ كۆڭلۇم خىلىلا ئېچىلىپ قالدى ، مەن تەبىئەتكە تۇلىمۇ ئامراق ، كىچىك چاغلىرىمدا قۇي باقىلى دالىلارغا چىققاندا چەكسىز ئۇپۇققا قاراپ ، ئاللانىڭ بۇ ئالەمنى نەقەدەر كەڭ ، بىپايان ياراتقانلىقىدىن دىلىم سۆينۈپ كېتەتتى . .... بۈگۈن ئەتىگەندە سەنئەت ئىنىسىتىتۇتىغا كۆرگەزمە كۆرگىلى چىقتۇق ، كۆرگەزمە مۇدىرىنزىم ئۇسلۇبىدىكىبىر رەسسام ئاچقان ئىكەن ، رەسسامنىڭ سەنئەت ئىدىيىسىنى بۇ يەردىكىلەر ئانچە قۇبۇل قىلالمىدىمۇ قانداق كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشلەر ئاز ئىدى . مېنىڭچە بۇ رەسسامنىڭ ئەسەرلىردە غەرپ ھاز ىرقى زامان مودىرنزىم ئىلمىنتلىرى پەقەت پەقەت ئەتلەس بىلەن ئۇراپ قۇيۇلغاندەكلا قىلاتتى . كۆرگەزمىدە داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملىردىن تۇردى ئىمىن ( كانادا دۈلەت تەۋەلىكىدە ) ، ئۇستاز رەسسام غازى ئەھمەد ئوغلى يالقۇن غازىلارنى كۆردۈم .

Hemmini Oqush

3/06/2009

مېنىڭ ئارزۇيۇم I Have a Dream<مارتىن.لۇد.كىڭ >


ئەسكەرتمە : تولۇق ئوقۇش ئۈچۈن تىمىنى چىكىڭ

1963-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى،مارتىن.لۇد.كىڭ ئامرىكا تارىخىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولغان «ئەركىنلىك يۈرۈشى»ھەركىتىنى تەشكىللىگەن.ئۇ غايەت زور نېگىرلار قوشۇنىغا سەپەرۋەرلىك قىلىپ،ئامرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يۈرۈش قىلىپ،ئامرىكا نىگىرلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن.ئۇنىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا 250مىڭ كىشىگە قىلغان «مېنىڭ ئارزۇيۇم I Have a Dream»دىگەن نوتۇقىدا،ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش،ئىنسانىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش شۇئار قىلىنغان.ئۇ 1964-يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4- كۈنى تىنناس شىتاتىدا قەسكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.

مېنىڭ ئارزۇيۇم
100يىل ئىلگىرى،بىر ئۇلۇغ ئامرىكىلىق نېگىر قۇللىرىنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسىغا ئىمزا قويغانىدى،بۈگۈن دەل شۇ كىشىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ تۇرۇپتىمىز،بۇ خىتاپنامە زۇلمەتتىكى نۇرلۇق چىراققا ئوخشاش،مىليونلىغان ھاياتلىقى دەپسەندە قىلىنغان نېگىر قۇللار ئۈچۈن ئۈمىت ئېلىپ كەلدى.ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى خۇددى تاڭ شەپىقىدەك،نېگىرلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زۇلمەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىمە بەردى. ئەمما 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،بىز نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز!100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،ئېرىقىي كەمسىتىشنىڭ ۋە ئېرقىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئېغىر ئىشكەللىرى ئاستىدا،نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۆتىۋاتىدۇ.100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىققا تولغان دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ.100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،نگىرلار يەنىلا ئامرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر بۈرجەكلىرىدە ياشاۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆز زىمىنىدا سەرگەردانلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ.بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە يىغىلىشىمىزمۇ،دەل شۇنداق كىشىنى ھەيران قىلىدىغان ھەقىقىي ئەھۋاللارنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بېرىش ئۈچۈندۇر! مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بۈگۈن بىز بېرىلگەن ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە يىغىلدۇق.جۇمھورىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى »نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان ھەر بىر سۆزلىرىنى يازغىنىدا،ھەر بىر ئامرىكىلىققا ۋەدە بېرىپ،ھەر بىر كىشىگە ھاياتلىق،ئەركىنلىك ۋە بەختنى قوغلىشىشىنىڭ مۇقەددەس ھوقوقىنى بېرىمىز دىگەنىدى. رەڭلىك ئېرقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن،ئامرىكا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.ئامرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى،ئۇ نېەىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس!بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يىتىشمەيدۇ»دىگەن تامغا ئۇرۇلغاندىن كىيىن،يەنە قولىمىزغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.ئەمما بىز ھەققانىيەتنىڭ بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز!بىز بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور پۇرسەتلەر خەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ قالغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز!شۇڭا بۈگۈن بىز بۇ چەكنى ئەمەلىلەشتۈرمەكچى---بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. :بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كېلىپ ئامرىكىنى تەكىتلىمەكچى،ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي،ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنالمايمىز!ھازىر دەل دىمۇكراتىيە ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان پەيىت!ھازىر دەل ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللىي باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قويىدىغان پەيىت!ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئوغۇل -قىزلىرىغا پۇرسەتلەر ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت!ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرىقىي باراۋەرسىزلىكنىڭ تەتۈر قاينىمىدىن ياندۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت! ناۋادا ئامرىكا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ۋە نېگىرلارنىڭ قارارىغا سەل قارايدىكەن،ئۇنداقتا،ئامرىكىغا نىسبەتەن بۇ ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالىدۇ.ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ خۇش ھاۋا كۈنلىرى يىتىپ كەلمەيدىكەن،نېگىرلارنىڭ قەھرى جاھاننى ئالىدۇ.1963-يىلى جەڭنىڭ ئاخىرىلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،ئەكسچە باشلىنىشىشىدۇر!بەزىلەر نېگىرلارنى ئانچە -مۇنچە ئۇچۇغداپ قويساقلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ،ناۋادا دۆلىتىمىز بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايدىكەن،بۇنداق خىيالچىلار ئۈمىتسىزلەنمەي قالمايدۇ.نېگىرلار پۇقرالىق ھوقوقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن،ئامرىكىغا تىنچ-ئامانلىق يوق!ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن يىتىپ كەلمەيدىكەن،قارشلىق بورانلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ھۇلىنى تەۋرەتمەي قالمايدۇ! ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر.قانونىي ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا،خاتا يوللاردىن،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.ئەكىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا،دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك جامىدا شاراپ ئىچسەك بولمايدۇ.بىزنىڭ كۆرەشلىرىمىز مەڭگۈ توغرا يولدا،قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىمدۇر.بىزنىڭ يېڭى مەۋقە ئۇقۇمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىز زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتسە بولمايدۇ.بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىمدۇر. نېگىرلار دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىنقىلاۋى روھىمىز بار،ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ،چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئاكا-ئىنىلىرىمىز شۇنى تونۇپ يەتتىكى،ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئاق تەنلىكلەر بۇنىڭ پاكىتى.ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز زىچ باغلىنىشلىق،بىز ئايرىم ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ. بىز ھەرىكەتلەنگەندە چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك،كەينىمىزگە يېنىشقا بولمايدۇ،ھازىر بەزىلەر ئوتيۈرەك ئىنسانىي ھوقوقچىلىرىدىن «سىلەر قاچان زارى بولىسىلەر؟»دەپ سورىشىۋاتىدۇ. ئەگەر نېگىرلار داۋاملىق ساقچىلارنىڭ ياۋۇزلارچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن،بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! cئەگەر بىزنىڭ مىھنەتكەش گەۋدىمىز يول بويىدىكى ياكى شەھەرلەردىكى مىھمانخانىلارغا سىغمايدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! ئەگەر نېگىرلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش دائىرىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ كىچىك نامراتلار رايونىدىن چوڭ نامراتلار رايونىغا يۆتكىلىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! ئەگەر مىسسىپى شىتاتىدا يەنە بىر نېگىر سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن،ناۋادا نىيويوركتىكى بىر نېگىرنىڭ سايلام بىلىتى ئەتكەس قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! ياق!بىز ھازىر ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز،كەلگۈسىدىمۇ ھەققەنىيەتنىڭ دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىمىغۇچە ،بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!  مەن دىققەت قىلدىم،بۈگۈن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا زۇلۇمنى بولۇشىغا تارتقان،ئەمدىلا تار قاماقخانىلاردىن چىققان،ئەركىنلىكنى قوغلاشقىنى ئۈچۈن،ئۆز زىمىنلىرىدا ئۆلگۈدەك تاياق يىگەن.ساقچىلارنىڭ بورانلىرىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر باركەن،سىلەر ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئازاپنىڭ دەردىنى تارتقانلار،تىرىشىڭلار،شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى،سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپلارنى تارتىش بىر خىل گۇناھىنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر. بىز مىسسىپىغا قايتايلى،ئاراباماغا قايتايلى،جەنۇبى كارولىناغا قايتايلى،گىئورگىيەگە قايتايلى،لۇئىس ئانناغا قايتايلى،بىزنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىمىزغا قايتايلى،كۆڭلىمىزدە سان بولسۇنكى،بۇ خىل ئەھۋال ھامىنى بىر كۈنى ئۆزگىرىدۇ،بىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ. دوستلىرىم،بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق ئېيتالايمەنكى،مۇشۇ دەقىقىلەردە،بىز ھەر خىل ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىساقمۇ،بىز يەنىلا ئارزۇغا ئىگە،بۇ ئارزۇ ئامرىكىنىڭ ئارزۇسى ئىچىگە يىلتىز تارتقان بىر ئارزۇ! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،«بۇ ھەقىقەتلەرگە قىل سىغمايدۇ،ھەممە كىشى باراۋەردۇر» دىگەن سۆلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە يەتسە! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،گىئورگىيەنىڭ قىزىل تېغىدا،قۇللارنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا بولۇشسا! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،مىسسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنى كۆتىرىپ،زۇلمەت دۇنيانىڭ قۇملۇقلىرى ھاققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقىغا ئايلانسا! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،مېنىڭ تۆت بالام كىشىگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،ئاراباما شىتاتى ئۆزگىرىپ،بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نېگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بىللە ئىلگىرلىسە! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،جىلغىلار ئۆرلەپ،تاغلار پەسىيىپ،مۇشاققەت يوللار تۈزلەنسە،نۇر جاھاننى قاپلىسا! مانا بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!بىز مۇشۇ ئارزۇ بىلەن جەنۇپقا قايتتۇق.مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،ئۈمىتسىزلىك قىيالىرىنى ئارزۇلارغا تولدۇرالايمىز،مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بۇ دۆلەتتىكى يېقىمسىز ئۇرۇش ئاۋازلىرىنى،يېقىملىق سېمفونىيەگە ئايلاندۇرالايمىز! مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بىللە ئىشلىيەلەيمىز،بىللە دۇئا قىلالايمىز،بىللە كۆرەش قىلالايمىز،بىللە تۇرمىگە قامىلىمىز،ئەركىنلىكنى بىللە ھىمايە قىلالايمىز!شۇڭا ئىشىنىمىزكى،ھامىنى بىر كۈنى ئەركىنلىككە چىقىمىز! ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنى،پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن،«مېنىڭ ۋەتىنىم،مېنىڭ گۈزەل ماكانىم،مەن سېنى كۈيلەيمەن،سەن ئاجداتلار قان بەرگەن زىمىن،سەن بىزنىڭ پەخرىمىز،ئەركىنلىك ئاۋازىمىز ھەر جايدا ياڭرار»دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ. ناۋادا ئامرىكا ئۇلۇغ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن،بۇ ئارزۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى زىمىنلارنى تىترىتىشى كېرەك!نيويورك شىتاتىنىڭ تاغۇ دەريالىرىنى تىترىتىشى كېرەك! ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كولورادو سىتاتىنىڭ مۇزلۇقلىرىدا ياڭرىسۇن!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كالىفورنىيەنىڭ تاغلرىدا ياڭرىسۇن!بۇنىڭلىق بىلەنلە ئاماس،يەنە گىئورگىيە زىمىنىنىمۇ تەۋرەتسۇن!تىنناس شىتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرسۇن! ئەركىنلىك ئاۋازى مىسسىپىنىڭ ھەر بىر تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!ئامرىكىنىڭ ھەر بىر زىمىنىدا ياڭرىسۇن! بىزنىڭ ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى ياڭرىتايلى،ھەربىر شىتات ۋە شەھەرلەردە ياڭرىتايلى،بىز شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تېزلىتەلەيمىز!شۇ چاغدا،پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرى نېگىرلار،ئاقلار،يەھۇدىلار ۋە غەيرى يەھۇدىلار،خىرىستىيانلار،كاتولىكلار قول تۇتۇشۇپ،بىر قەدىمىي نېگىر ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ«ئاخىرى ئەكىن بولدۇق،ئاخىرى ئەركىن بولدۇق،پەرۋەردىگارغا رەھمەت!بىز ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتۇق!»


Hemmini Oqush

مىخايىل جىكسون< ئەركىنلىك ناخشىسى>

Hemmini Oqush

3/05/2009

ئۇيغۇرۇم تانمايمەن سەندىن

يانچۇق كولاپ ھېيىقماي نامىمىزنى ساتساڭمۇ،
نادانلارچە پاتقاققا بېشىڭغىچە پاتساڭمۇ،
ئازراققىنە نەپ ئۈچۈن چالما-كىسەك ئاتساڭمۇ،
ھەي ئۇيغۇرۇم نەپرەت ............................،
لىكىن سەندىن تانمايمەن


بايۋەتچىگە خوش كۈلۈپ ئۇچۇق چىراي ئاچساڭمۇ ،
نامراتلاردىن سەسكىنىپ يىراقلارغا قاچساڭمۇ،
بۇسۇغىدا باشلىقنىڭ يۇندا يالاپ ياتساڭمۇ،
يالغان ماختاوپ بىراۋنى نەزمە-قوشاق قاتساڭمۇ،
ھەي ئۇيغۇرۇم..........................،
لىكىن سەندىن تانمايمەن

ئاداۋەتنىڭ كۈلىنى بېشىمىزغا چاچساڭمۇ،
ياڭاق ئېلىپ بېشىمىزدا چاقساڭمۇ،
چېقىمچىنىڭ سۈيىدە دولقۇن ياساپ ئاقساڭمۇ،
زەنجىرىدە قىلتاقنىڭ پۇتىمىزنى چاتساڭمۇ،
ھەي ئۇيغۇرۇم ..........................،
لىكىن سەندىن تانمايمەن



ئەسلى مەنبەhttp://www.ajdad.7u7.com

Hemmini Oqush

بۈگۈن ئۈرۈمچىگە كىلىپ بلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىردىم

بۈگۈن ئۈرۈمچىگە كىلىپ بلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىردىم. بۇ بىر نەچچە كۈندە كىرەلمەسلىگىمنىڭ سەۋەبى ئەبجەق كومپيۇتۇرلارنىڭ ئىشى ئىكەن ، بۈگۈن ئۈرۈمچى جەنۇبى چوڭ قۇۋۇقتىكى 聚异 تورخانىسىدا ئىچىلدى، ۋاھ ئالامەت خۇشال بولۇپ كەتتىم . نەچچە كۈندىن بىرى كىرەلمەي بەزى دوستلاردىن ئاغرىنىپتىكەنمەن . شۇ تۇپەيلى سىلەردىن ئەپۇ سۇرايمەن !

Hemmini Oqush

2/22/2009

مەشھۇر ئالىملىرمىزدىن ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇر خاتىرسى ئېلان قىلىندى

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرچە تۇر خاتىرسى
http://meripet.blogbus.com/
نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇر خاتىرسى
http://uyghurye.blogbus.com/

Hemmini Oqush

ئەركىنلىك

( پارچە )
پائۇل ئېلۇئارد( فرانسىيە )
। । । .
باشلانغۇچتىكى مەشق دەپتەرگە
ئۈستىلىمگە دەل – دەرەخلەرگە
قار ئۈستىگە ، قۇمساڭغۇ يەرگە
يېزىپ قويدۇم سېنىڭ ئىسمىڭنى .
. . . .
بەخش ئېتىپ يېڭى ھاياتلىق
مۇشۇ بىر سۆز ياشناتتى مېنى
سېنى دەپلا ياشايمەن مەڭگۈ
جېنىم بىلەن چىللايمەن سېنى !

Hemmini Oqush

تەنلىرىم ياپراق

تۇرغۇن ئالماس
(2001 - 1924)
تەنلىرىم ياپراق ، تىترەپ توختىدى ،
يۈرۈگۈم دەردلىك ئەركىن سوقمىدى .
چۈنكى ئەي يايرىم ، سېنىڭ ھالىڭنى ،
كۆردۈم پىغاندا ، غۇنچە چاغىڭنى .

ئاستىلاپ ئۆسۈپ ، ئونبەشكە كەلدىم ،
تېخىمۇ دەھشەت باستى پەلەكنى .
دۈشمەننى بىلمەي ، دوستۇم دەپ يۈرۈپ ،
بىر نامەرد زالىم قانخور ئەزدى يۈرەكنى .

ئويغان ئەي يايرىم ، رەقىپلەر يامان ،
ئەگەر ئويغانمىساڭ ، يىغلاتۇر زامان .
مېنىڭ چىرايىم ، سارغايدى سامان ،
ئەمدى مەن كەتتىم ، سەن قالغىن ئامان

Hemmini Oqush

مەن كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەت

ئالتۇن تارىم > بۇ مەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇچراتقان ئەڭ چىرايلىق ،مۇككەممەل ، ئادەمنى ئۈزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت।. سىزمۇ كۈرۈپ ھۆزۇلىنىپ بىقىڭ !

http://altuntarim।com/index।asp

Hemmini Oqush


ھايات كارتىنىلىردى،پىنھان خاتىرلەر،يۈرەك تىۋىشلىرى ، مىللى ئىزتىراپ ، ئۈزگە ىئاگئنۇز

Hemmini Oqush

2/21/2009

ئۇيغۇرلاردىكى قېيداش پىسخىكىسى




ئەسكەرتمە:تۇلۇق كۈرۈش ئۈچۈن تمىنى چىكىڭ

ئاپتورى: (ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات)
قېيداش دىگەن بۇ سۆزنىڭ نارازىلىقتىن دېرەك بېردىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم.بۇ پىسخىكا گەرچە ھەممە مىللەت كىشىلىرىدە كۆرۈلسىمۇ،ئۇيغۇرلاردا نىسبەتەن گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ كەلدى.ئۇيغۇرلار ئۇزاق زامان تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدە رەھىمسىز تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن تىنىمسىز كۆرەش قىلىش جەريانىدا ،مەلۇم بىر مەزگىل چۆللۈكنى گۈللەندۈرۈپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ،كۆپۈنچە ھاللاردا قۇم-بوراننىڭ شۇنداقلا قۇرغاقچىلىقنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمىدى.ئورۇن يۈتكەپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بۇ دەريا قىرغىقىدا ياشىغۇچى جاپاكەش قەۋمدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ،تەكلىماكان بويلىرىدا سۇ قوغلۇشۇپ يۆتكىلىپ ياشاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان باغۇ-بوستانلىقلار قۇرغاقچىلىق،قۇم-بوران... تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولدى.ئارزۇلاپ ياشاپ كەلگەن يۇرت-ماكانىدىن بىرقانچە رەت ئايرىلىپ قالدى. يۇمۇلاققۇم قەدىمى شەھىرى،دەندان ئۆيلۈك قەدىمى شەھىرى،كىرورەن قەدىمى شەھىرى...قاتارلىق قادىمى شەھەرلەرنىڭ خارابىسى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھازىرمۇ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدە ئېچىنىشلىق تارىختىن خەۋەر بېرىپ ،مۇڭلۇنۇپ ياتماقتا. دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن يىپەك يولىنىڭ بارا-بارا چۆلدەرەپ قېلىشى نەتىجىسىدە،بۇ يوللاردىن ماڭىدىغان كارۋانلارمۇ ئاستا-ئاستا ئازلاشقا باشلىدى.تەكلىماكاننىڭ غېرىپلىغى،بېكىك ھالىتى باشلىنىپ،سىرت بىلەن بولغان ئالاقە كۈنسايىن ئازلىدى.يۇرت-ماكانىدىن بىرقانچە رەت ئايرىلىپ قالغان بۇ قەۋم رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.بۇنى ئاز دەپ تارىختا زوراۋان كۈچلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىشلىرى،ئېغىر باج-سېلىق،ئالۋان-ياساقلار بۇ ۋادىدا ياشىغۇچىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ھالسىرىتىپ قويدى.قۇرغاق مۇھىتتا مەنىۋىيىتى قۇرغاقلىشىپ،بېكىك ھالەتتە جىمغۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈپ،بىر قانچە رەت خانىۋەيران بولۇش بىلەن دەۋردىن ۋە تەبىئەتتىن دىلى ئازار يەپ،قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇناسىپ نەتىجىسىنى كۆرەلمىگەن،نى-نى باتۇر ئەزىمەتلىرىدىن،مەرىپەتپەرۋەر ،ئوت يۈرەك زىيالىلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان بۇ خەلق، كەلگۈسىىدىن ھېچقانداق ئۆمىد كۈتمەيدىغان،ھەممە ئىشقا سۈكۈت قىلىپ ياشايدىغان ئىچ مىجەزلىك خاراكتىرنى قەدەممۇ-قەدەم بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يىتىلدۈردى.تەبى پەنلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش،يېڭى -يېڭى ئىختىرالارنى كەشپ قىلىشتىن سۆز ئېچىشمۇ تەسكە چۈشتى.باشقا ئەللەرنىڭ ئىجات قىلغان يېڭى تېخنىكىلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدىكى سۆزلەرمۇ تېزدىن يېڭىلىنىپ باردى.تاكى يېقىنقى زاماندىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت تەتۈر قويۇنمۇ ئەمدىلا باراۋەر تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بۇ مىللەت كىشىلىرىنى ھەتتا ئاتا بىلەن بالا ئارىسىدىمۇ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىش، ھەتتا مەيدانغا سۆرەپ چىقىپ پىپەن قىلىش ...دەك كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تىراگىدىيەگە مۇپتىلا قىلدى.ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تولۇق دەڭسەپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆزىنى تەغدىرگە تاپشۇرۇش خاھىشى شەكىللىنىپ قالدى.ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماسلىق،بولىشىغا تۇرمۇش كەچۈرۈش مەۋقەسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى.رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۈرۈش،قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ كارى بولماسلىق،رىئاللىقتىن ئاغرىنىش،جاھىللىق قاتارلىق كەيپىياتلار بىر پۈتۈن مىللەت خاراكتىرىنى ئىگەللىدى.ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىدىن خەۋەرسىز قالغان،ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قالغان بۇ قەۋم ئىچ پۇشۇقىنى نەغمە-ناۋا ئارقىلىق چىقىرىپ،ناخشا مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىك كەيپىيات ئەۋج ئالدى.بېشىغا مەيلى قانداق قىسمەتلەر كېلىشىدىن قەتئى نەزەر ناخشا-مۇزىكىنى ئۆزىنى بەزلەشتىكى،روھى كەيپىياتنى تەڭشەشتىكى بىردىن بىر روھى ئوزۇق دەپ قارىدى.قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى قىلىشتىن كۆرە، «خەققە نىمە بولسا ماڭىمۇ شۇ»دەپ پەرۋاسىزلىق بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىپ يۈرۈپ يېڭى-يېڭى خەلق كۈيلىرىنى ئىجات قىلدى. گويا يىلتىزسىز قامغاقتەك دەۋر شاماللىرىغا ئەگىشىپ شامال قايانغا ئۇچۇرسا شۇ ياققا ئۇچۇپ،يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەپ نىشانسىز ياشاۋەردى.باشقىلارغا قېيداش،ئۆز ھالىغا شۈكرى قىلىش بىلەن كۇپايىلەندى.بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋرگە كەلگەندىلا بىر تۈركۈم زىيالىلار ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت پىشاڭنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش،ئۆزىنى نامايەن قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، جىددى ھەركەتكە كېلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋام ئۈچۈن زور روھى ئىلھام بەخش ئەتتى.لېكىن زور كۆپچىلىكنى ئىگەللىگەن دېھقان ئاممىسىنىڭ قوپاللىق بىلەن قېيداشلىرى تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. تولا ئازار يىگەن بۇ قەۋم،مېھماندوستلۇقى بىلەن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، تەسەللى تېپىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېھماندوستلۇققىمۇ مۇددىئا ئارلىشىپ،خوشنا-خۇلۇم ،ئۇرۇق-تۇققان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەمىلىگە ۋە ئىقتىسادىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى.قىينچىلىققا يولۇققاندا قېيداش، قوپاللىق قىلىش،بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش قاتارلىق روھى ھالەتتىن تەل-تۈكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى.

Hemmini Oqush

2/20/2009

ئويغان

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،
سەندە مال يوق. ئەمدى كەتسە جان كىتەر ،
بۇ ئۈلۈمدىن ئۈزۈڭنى قۇتقازمىساڭ ،
ئاھ ،سىنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ دىدىم بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبىڭ باشنى كەس،قاننى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ھىلىمۇ جانسىزغائوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق،ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم،قېرىندىشىم بىر تۇققىنىم.
كۈيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سىنى،
ئاڭلىمايسەن زادى، نىمە بولغىنىڭ؟

كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگەگەپنىڭ شۇ چاغدا يىتىسەن.
<خەپ!> دىسەڭ ئۇچاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،
شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بىرىسەن.

مەنبە: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانما

Hemmini Oqush