2/20/2009

ئويغان

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،
سەندە مال يوق. ئەمدى كەتسە جان كىتەر ،
بۇ ئۈلۈمدىن ئۈزۈڭنى قۇتقازمىساڭ ،
ئاھ ،سىنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ دىدىم بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبىڭ باشنى كەس،قاننى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ھىلىمۇ جانسىزغائوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق،ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم،قېرىندىشىم بىر تۇققىنىم.
كۈيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سىنى،
ئاڭلىمايسەن زادى، نىمە بولغىنىڭ؟

كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگەگەپنىڭ شۇ چاغدا يىتىسەن.
<خەپ!> دىسەڭ ئۇچاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،
شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بىرىسەن.

مەنبە: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانما

0 باھا:

发表评论