3/20/2009

نۇرۇز خاتىرىسى

بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 21 - كۆنى يەنى ئۇلۇغ تۈركى مىلەتلىرنىڭ نۇرۇز بايرىمى . تۈنۈگۈن بۇ يەردە ( ئۈرۈمچىدە) خىلى ئۇبدانلا قار ياغدى ، خۇددى نۇرۇزنى ئالدىن تەبرىكلىگەندەك . چۈشتە تاماق يېگىلى مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ، مەكتەپ ئالدىدىكى يۇل بۇينىڭ بەئەينى فوتو گىرافلار تارتىپ چىققان مەنزىرە رەسىمىدەك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ كۆڭلۇم خىلىلا ئېچىلىپ قالدى ، مەن تەبىئەتكە تۇلىمۇ ئامراق ، كىچىك چاغلىرىمدا قۇي باقىلى دالىلارغا چىققاندا چەكسىز ئۇپۇققا قاراپ ، ئاللانىڭ بۇ ئالەمنى نەقەدەر كەڭ ، بىپايان ياراتقانلىقىدىن دىلىم سۆينۈپ كېتەتتى . .... بۈگۈن ئەتىگەندە سەنئەت ئىنىسىتىتۇتىغا كۆرگەزمە كۆرگىلى چىقتۇق ، كۆرگەزمە مۇدىرىنزىم ئۇسلۇبىدىكىبىر رەسسام ئاچقان ئىكەن ، رەسسامنىڭ سەنئەت ئىدىيىسىنى بۇ يەردىكىلەر ئانچە قۇبۇل قىلالمىدىمۇ قانداق كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشلەر ئاز ئىدى . مېنىڭچە بۇ رەسسامنىڭ ئەسەرلىردە غەرپ ھاز ىرقى زامان مودىرنزىم ئىلمىنتلىرى پەقەت پەقەت ئەتلەس بىلەن ئۇراپ قۇيۇلغاندەكلا قىلاتتى . كۆرگەزمىدە داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملىردىن تۇردى ئىمىن ( كانادا دۈلەت تەۋەلىكىدە ) ، ئۇستاز رەسسام غازى ئەھمەد ئوغلى يالقۇن غازىلارنى كۆردۈم .

0 باھا:

发表评论